34
ئېلىخۇنىڭ ئىككىنچى بايانى ــ ئايۇپنى يەنە ئەيىبلەش، ياراتقۇچىنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەش
ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار،
ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك،
قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ.
ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛
ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى!
چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»،
ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ.  
يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟
ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ،  
قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟!
ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر.
ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ،
ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ.
چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە،
بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى.
10  شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن!
11  چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ،
ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ.
12  دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ،
ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ.
13  كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟
كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟
14  ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا،
ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،  
15  شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ،
ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ.  
16  سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا!
سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال!
17  ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟
سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟!  
18  ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»،
مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر.
19  ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ،
نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.  
20  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ،
تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛
ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ.
21  چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛
ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ.
22  شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر،
ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ.  
23  چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،
ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.
24  ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ،
ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛
25  چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ.
26  ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ،
27  چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان،
ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان.
28  ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ.
29  ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن.
مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن،
ئەگەر ئۇ شەپقىتىنى كۆرسەتمەي يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟
30  ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن،
ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر.
31  چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛
مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛
32  ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛
مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە،
33  سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن،
ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ.
مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛
ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ!
34  ئەقلى بار ئادەملەر بولسا،
گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ
35  «ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛
ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ.
36  ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن،
ئاخىرغىچە سىنالسۇن!
37  چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛
ئۇ ئارىمىزدا ئاھانەت بىلەن چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە».
 
 
34:3 ئايۇپ 12‏:11 34:5 «... ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ» ــ ئايۇپ «مەن ھەققانىي» دېگەن سۆزنى بىۋاسىتە ئېيتمىغان بولسىمۇ، دەرۋەقە ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن شۇ مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. «خۇدا مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان» دېگەن سۆزنى ئۇ 2:27دە ئېيتقان. «مېنىڭ ھەققىم» دېگەن سۆز توغرۇلۇق شۇ ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 34:5 ئايۇپ 27‏:2 34:6 «يەنە ئۇ (ئايۇپ): «... ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ» ــ دەرۋەقە، ئايۇپ 4:6دە خۇدا مېنى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇردى، دېگەن. بىراق بىزنىڭچە ئۇ ئېلىخۇنىڭ ئۆزىنى مۇشۇ يەردە ئەيىبلىگىنى بويىچە: «خۇدا مېنى يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ» دەپ ئېيتقان ئەمەس. ئوقۇرمەنلەر ئۆزى بۇ سۆزنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئويلىيالايدۇ. 34:6 ئايۇپ 6‏:4 34:7 «ئۇنىڭغا (ئايۇپقا) نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر» ــ ئايۇپنىڭ (قاتتىق ئازابتىن دېگەن) بەزى سۆزلىرى ئىنتايىن ئاچچىقلانغانلىقىدىن ئېيتىلغىنى بىلەن، بىزنىڭچە «باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئۇنىڭغا نىسبەتەن سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر» دېگەن بۇ سۆز ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. 34:8 «ئۇ (ئايۇپ) قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ ... رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ» ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىسپات بارمۇ؟ بىزنىڭچە يوق. بىراق بۇ سۆز كۆچمە مەنىدە ئېيتىلغان بولسا «ئايۇپ ئېغىزدا يامانلارنىڭ يولىدا ماڭىدۇ» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. 34:9 «چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى» ــ بىزنىڭچە، ئايۇپ بۇ سۆزنى دېمىگەن؛ ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىللەر ھېچ جازالانماي، يامانلىقىنى قىلىۋېرىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان؛ بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ يامان يولىدا ھەرگىز ماڭمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان؛ شۇڭا ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپى سەل ئادىل بولمىدى، دەپ قارايمىز. 34:10 قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 8‏:3؛ 36‏:23؛ زەب. 92‏:15؛ رىم. 9‏:14 34:11 زەب. 62‏:12؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12 34:13 «كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟» ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ مۇنازىرىسى (10-13)، بەلكىم، خۇدا شۇنچە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم پارا يېگۈزەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، دېگەنلىك. بىراق ئۇ ئەگەر: «خۇدا بىزدىن ئىنتايىن يۇقىرى تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئادىللىقى بىز تونۇغان ھەم چۈشىنىدىغان ئادىللىقتىن پۈتۈنلەي باشقىچە، پۈتۈنلەي باشقا خاراكتېرىدا» دېمەكچى بولسا، بىز ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلمايمىز. 34:14 «...ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا،...» ــ ياكى «ئۇ (خۇدا) ئۇنىڭ (ئىنساننىڭ) روھى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسا،..» 34:14 زەب. 104‏:28-29؛ توپ. 12‏:7 34:15 «ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا، شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ (14-15)» ــ دېمەك، خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن، ھەممە ئىش «ئاپتوماتىك ھالدا» داۋاملاشمايدۇ. خۇدا ھەردائىم، ھەر نەپىسىدە ئىنساندىن خەۋەر ئالىدۇ ــ بولمىسا ئۇ ھايات قالمايدۇ. 34:15 يار. 3‏:19؛ توپ. 12‏:7 34:17 «ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟» ــ دېگەن بۇ مەسىلە «ئايۇپ» دېگەن بۇ كىتابنىڭ تۈپ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئېلىخۇ بۇ رېتورىك سوئالغا ھېچقانداق جاۋاب ياكى ئىسپات بەرمەيدۇ. كۈچ-ھوقۇقلۇق بولۇشنىڭ، ئادالەتلىك بولۇشقا باراۋەر بولۇشى ناتايىن. خۇدا ئۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى، مېھىر-مۇھەببىتىنى، ھەممە سۆزىگە بولغان ۋاپادارلىقىنى، تولۇق ئادالىتىنى بولسا قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. بولۇپمۇ زەبۇر ھەم ئىنجىلغا ئاساسەن، خۇدا ئاخىردا ئۆزى بارلىق قىلغان ھۆكۈملىرىنى ھەربىر ئىنسانغا ئېنىق نامايان قىلىدۇ؛ شۇ كۈنى خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىگە ھېچكىم رەددىيە بېرەلمەيدۇ؛ ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇتلەق ئادىللىقى ھەممە ئىنسانغا ئىسپاتلىنىپ تولۇق ئايان بولىدۇ. 34:17 يار. 18‏:25؛ ئايۇپ 5‏:18؛ 8‏:3؛ 21‏:22؛ رىم. 3‏:5 34:18 «ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر» ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھلارغا: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرگە: «رەزىللەر!» دېگىلى بولامدۇ؟» 34:19 «ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر» ــ ئايۇپ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا گەپ قىلغان بولسا: «مەن خۇدانىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمنى دەل ئاشۇنداق بىتەرەپلىك بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەكتىمەن!» دېيىشى مۇمكىن ئىدى. ئېلىخۇنىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭغا ئانچە تەسەللى بېرەلمەيدۇ. 34:19 قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 37‏:24؛ روس. 10‏:34؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17 34:21 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 31‏:4؛ زەب. 34‏:15-17؛ پەند. 5‏:21؛ 15‏:3؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19 34:22 «شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر... ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ» ــ دېمەك، خۇدا بارلىق ئىشلارنى بىراقلا كۆرەلىگەچكە، ئۇنىڭ سوتچى بولۇشقا تولۇق سالاھىيىتى بار. 34:22 زەب. 139‏:11-12؛ ئام. 9‏:2، 3؛ ئىبر. 4‏:13 34:23 «چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا ... ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر» ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 34:27 زەب. 28‏:4-5؛ يەش. 5‏:12 34:28 «ئۇلار (رەزىللەر) شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، ... ئۇ (خۇدا) ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ» ــ ئېلىخۇ بەلكىم بۇ سۆزلىرىنى ئايۇپقا دارىتىپ ئېيتىدۇ: «سەن مۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغانمۇ؟». 34:29 «ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن؟» ــ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ ئىشلارنى تىنچلاندۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن؟». ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، «خۇدانىڭ ئۆز يۈزىنى يوشۇرغانلىقى»، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە مەلۇم بىرخىل جازا-ساۋاق بېرىشىنى بىلدۈرىدۇ. 34:32 «...ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ ئېلىخۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنى شۇنداق بىر ئىقرارنى (31-32-ئايەتتىكى سۆزلەر بىلەن) قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق ئايۇپتا تەكەببۇرلۇق بولغىنى بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئىپلاس» ياكى «مۇناپىق»لاردىن ئەمەس. 34:36 «ئايۇپ رەزىل ئادملەردەك جاۋاب بەرگەن» ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى بولسا ناھايىتى ئېغىر شىكايەت ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە ئېلىخۇ ئايۇپنى «ئاسىيلىق قىلغان» دەپمۇ ئەيىبلەيدۇ. بىراق دەرد-ئەلەمدىن، ئۈمىدسىزلىكتىن، قاتتىق ئاغرىقلاردىن چىققان ئاچچىق ھەم گۇمانلىق گەپنى «ئاسىيلىق» دېگىلى ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئېلىخۇ سەل ھەددىدىن ئىشىپراق سۆزلىگەن. «ئۇ ئاخىرغىچە سىنالسۇن!» دېيىشمۇ «بىر ياندا ئازادە ئولتۇرغان» كىشىلەر ئۈچۈن دېمەككە ئاسان گەپتۇر!