35
ئېلىخۇنىڭ ئۈچىنچى بايانى ــ «خۇدا كېچىدە ئات قىلغان ناخشىلار»
ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
«سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ .  
ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا جاۋاب بېرەي،
ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛
ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛
پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛
ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر.
ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟
جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟
سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟
ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟  
سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا،
ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس.
ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛
كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ.
10  بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ.
11  ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ،
ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟
12  ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن،
ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ.  
13  بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە،
ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە،
14  سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن؟
دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن.
15  بىراق ئۇ ھازىر توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا،
ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
  
16  چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان،
ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن».
 
 
35:2 ««سەن (ئايۇپ) مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟» ــ بۇ سۆزمۇ بەك قاتتىق ئېيتىلغان. ئايۇپ ئەسلىدە «مەن ھەققانىي» دېگىنى ھەم خۇدانىڭ ئادالىتىدىن بەزى گۇمانلىق گەپلەرنى قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە قاپ يۈرەكلىك قىلىپ «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈن» دېگەن گەپنى قىلىپ باقمىغان. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىلىرى بىرنېمە دېسۇن. 35:3 «...سەن (ئايۇپ): «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ» ــ ئېلىخۇ يۇقىرىدا ئايۇپنى ئەيىبلەپ: «سەن «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ» دېگەنسەن» (34:9) دېگىنىنى ھازىر تەكرارلايدۇ. 35:3 ئايۇپ 34‏:9 35:4 «ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي» ــ «ئۈلپەتلىرىڭ» دېگەن سۆز بەلكىم ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا بولغانلارنى (ھازىرمۇ ئايۇپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارنى؟) كۆرىسىتىشى مۇمكىن. 35:7 «سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟» ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ كۆزقارىشى ئېلىفازنىڭكىگە (22:3-ئايەتتىكى) ئوخشايدۇ. بىز يەنىلا ئاۋۋالقى ئايەتتىكى ئىزاھاتنى تەكرارلايمىز: ــ «1:8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئۆزىدە ئايۇپتىن ئالغان رازىلىقى، خۇرسەنلىكى ناھايىتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمدا خۇدانىڭ ئىنساننىڭ تۈپەيلىدىن بولغان ئازابلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز. خۇدا گەرچە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىزدىن خۇرسەنلىك ئىزدەيدۇ ياكى بىزدىن رەنجىيدۇ ھەم ئازابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىخۇنىڭ 5-8-ئايەتتىكى بۇ سۆزلىرى ئىنتايىن خاتا ئېيتىلغان سۆزلەردۇر». 35:7 ئايۇپ 22‏:2؛ زەب. 16‏:2؛ رىم. 11‏:35 35:9 «كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈچلۈكلەرنىڭ بىلىكى تۈپەيلىدىن...». 35:12 «ئۇلار (ئېزىلگەنلەر) نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ» ــ ئېلىخۇ بەلكىم جەمئىيەت ئارىسىدىكى يامانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى مەلۇم بىر دەرىجىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى چەكلىمىگەن سەۋەنلىكمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، دېمەكچى. ئۇنداقتا پۈتكۈل جەمئىيەت، جۈملىدىن بەزى بىگۇناھ كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ۋەجىدىن خۇدانىڭ تەربىيە-جازالىشىغا ئۇچرىماي قالمايدۇ، دېمەكچى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق يېرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئايۇپ (مەيلى ئۇنىڭ ھاكاۋۇر يېرى بولسۇن) بۇ «رەزىللەر»نىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ. 35:12 ئايۇپ 27‏:9؛ پەند. 1‏:28؛ 15‏:29؛ يەش. 1‏:15؛ يەر. 11‏:11؛ يـۇھ. 9‏:31 35:14 «دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن» ــ 8:23-10نى كۆرۈڭ. ئېلىخۇ ئالدىدا ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن ئايۇپنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، «دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن» دېگەن بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، ئايۇپقا دەل جايىدا قىلىنغان سۆزدۇر. ئېلىخۇ ھېچ بولمىغاندا، ئايۇپنىڭ ھەقىقەتەن بىر «دەۋاسى» بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە (13-ئايەت)، سېنىڭ: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ دەۋايىم ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، مەن ئۇنى كۈتۈۋاتىمەن» دېگىنىڭدىن كېيىن قانداق بولار؟». 35:15 «بىراق ئۇ ... ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟» ــ بۇ سۆزمۇ بەك قاتتىق ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئايۇپنى ئىنتايىن تەكەببۇر ئادەم دەپ جەزملەشتۈرىدۇ. بىراق ئايۇپ گەرچە خۇداغا قارىتا بەزى ئاچچىق، ئازابلىق گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى ئىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەنە كېلىپ، سەن تېخى: «ئۇنىڭ غەزىپى ھېچ جازا بەرمەيدۇ، ئۇ ئاسىيلىقنى ھېچ نەزەرىگە ئالمايدۇ» دەيسەن!» 35:15 ئايۇپ 11‏:6