13
دېڭىزدىن چىققان دىۋە
ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى.   مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئەجدىھا دىۋىگە سەلتەنەتلىك ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى.
دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.  
قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن!
 
10 ««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ».
 
مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.  
 
يەردىن چىققان دىۋە
11 مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. 12 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. 13 ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. 14 ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. 15 دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. 16 ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. 17 ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى.
18 مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر.  
 
 
13:1 «دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» ــ ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ ئوبرازىدا بولغاندەك (كېيىن گۇناھ قىلغاچقا بۇ ئوبراز بۇزۇلغان، ئەلۋەتتە)، ئاندىن مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ مۇكەممەل ئوبرازى، شۇنداقلا يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى بولغاندەك، بۇ «دىۋە» 12-بابتا كۆرۈنگەن شەيتاننىڭ توپتوغرا (يەتتە باشلىق ئون مۈڭگۈزلۈك) ئوبرازىدۇر. يەنە بىر قىزىق ئىش شۇكى، ئۇ كۆرۈنۈشتە مەسىھگە ئوخشاش «ئۆلۈمدىن تىرىلگەن» بولىدۇ (3-ئايەت). شۇنىڭ بىلەن بىزدە قىلچە گۇمان يوقكى، بۇ دىۋە شەيتاننىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى، يەنى مەسىھنىڭ رەقىبى بولغان ئادەم ــ دەججالنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 13:1 دان. 7‏:20؛ ۋەھ. 17‏:3. 13:2 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «دان.» 1:7-8. 13:4 ۋەھ. 18‏:18. 13:5 ۋەھ. 11‏:2. 13:6 «...ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا...كۇپۇرلۇق قىلغىلى...» ــ ياكى «... ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىغا... كۇپۇرلۇق قىلغىلى...». «ئۇنىڭ دەرگاھى» ياكى ئەرشتىكى تۇرالغۇسى ياكى يەر يۈزىدىكى ئىبادەتخانىسىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. 13:7 دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 11‏:7. 13:8 «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا،...» 13:8 مىس. 32‏:33؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 17‏:8؛ 20‏:12؛ 21‏:27. 13:10 ««قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ» ــ باشقا بىر كۆچۈرمىدە: «كىم قىلىچلاپ ئۆلتۈرسە، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ. بۇ سۆز رەببىمىزنىڭ «مات.» 52:26دە دېگەن سۆزلىرىگە ماس كېلىدۇ. 13:10 يار. 9‏:6؛ مات. 26‏:52؛ ۋەھ. 14‏:12. 13:11 ۋەھ. 11‏:7. 13:12 ۋەھ. 19‏:20. 13:13 2تېـس. 2‏:9؛ ۋەھ. 16‏:14. 13:14 قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 16‏:14؛ 19‏:20. 13:15 ۋەھ. 19‏:20. 13:17 ۋەھ. 14‏:11. 13:18 «بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ» ــ ياكى «بۇ رەقەم ئىنساننىڭ رەقىمى بولىدۇ». «ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن... ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر» ــ «دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاش» مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە شۇ كونا زامانلاردىكى ھېسابلاش تۈزۈمىنى جەدۋەلدە كۆرسىتىمىز. بۇ بابدىكى باشقا بەزى مۇھىم ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 13:18 ۋەھ. 17‏:9.