14
قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ مەدھىيە كۈيى
ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى.   ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛ ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى. ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان.   ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ.   
 
ئۈچ پەرىشتە ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر
ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
ــ خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! ــ دەيتتى.
ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن».  
ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ
«كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا، 10 خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ. 11 ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ».
12 مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. 13 مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ
«بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر!
ــ دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ــ ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».
 
يەر يۈزىدىن ئالغان ئىككى ئورما
14 مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى.    15 ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
ــ ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى.  
 
16 بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
17 ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. 18 ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
ــ ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، ــ دېدى.
19 بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى.    20 شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.  
 
 
14:1 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 48-كۈي، «ئىبر.» 18:12-29. 14:1 ۋەھ. 7‏:4؛ 2تار. 23‏:7 14:2 ۋەھ. 1‏:15؛ 5‏:8. 14:3 ۋەھ. 5‏:9. 14:4 «چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر» ــ «پاك ئادەملەر» بولسا گرېك تىلىدا ئادەتتە بۇ سۆز جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە (1) ئەمەلىي شۇ مەنىدە (2) ياكى روھىي جەھەتتە كۆچمە مەنىدە (3) ياكى ئىككى مەنىدە تەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئايەتتىن كۆرۈنىدۇكى، ئۇلار ھەممىسى ئوغۇل بالىلار. «ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان» ــ «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى»نىڭ ئۆز قىممىتى بار، ئەلۋەتتە؛ تەۋرات دەۋرىدە ئىسرائىللار دائىم «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» خۇداغا (نەزىر قىلىپ) ئاتايتتى. بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 14:4 2كور. 11‏:2. 14:5 «ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ» ــ مۇشۇ يەردە بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا ئەيىبسىز ئىسپاتلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەر قوشۇلىدۇ. 14:5 زەف. 3‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:27. 14:7 يار. 1‏:1؛ زەب. 33‏:6؛ 124‏:8؛ 146‏:6؛ روس. 14‏:15؛ 17‏:24. 14:8 «ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن» ــ «سەۋدالىق» توغرۇلۇق: گرېك تىلىدا «سەۋداسى» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «غەزەپ» دېگەن مەنىسىمۇ بار؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە بۇنىڭ ئىككىنچى مەنىدە كەلگەن؛ بابىلنىڭ شارابىنى ئىچكەنلەر خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. 14:8 يەش. 21‏:9؛ يەر. 51‏:8؛ ۋەھ. 16‏:19؛ 17‏:5؛ 18‏:21،10،2. 14:10 ۋەھ. 16‏:19؛ 18‏:6؛ 19‏:20. 14:11 ۋەھ. 19‏:3. 14:12 ۋەھ. 13‏:10. 14:13 «دۇرۇس، دەيدۇ روھ» ــ «روھ» بولسا مۇقەددەس روھ. «قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ» ــ دېمەك، ئەمەللىرىنىڭ ئىنئامى بېشىغا چۈشىدۇ. 14:14 «ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى» ــ بىزنىڭچە، بۇ زات مەسىھ بولۇشى كېرەك. چۈنكى «يو.» 11:3-14دە «ئورما ئورىغۇچى»نىڭ خۇدانىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ. 14:14 ئ‍ەز. 1‏:26؛ دان. 7‏:13؛ ۋەھ. 1‏:13. 14:15 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يو.» 11:3-14. 14:15 يو. 3‏:13؛ مات. 13‏:39. 14:18 «ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە» ــ بەلكىم ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇربانگاھىدىكى ئوتقا مەسئۇل بولغان پەرىشتە. «يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلى...» ــ ياكى «يەر يۈزىدىكى ئۈزۈمزار...». 14:19 «يەردىكى ئۈزۈم تېلى» ــ ياكى «يەردىكى ئۈزۈمزار». 14:19 ۋەھ. 19‏:15. 14:20 «شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ،...» ــ «شەھەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. «ئۈچ يۈز چاقىرىم» ــ گرېك تىلىدا «بىر مىڭ ئالتە يۈز ستادىيون». بىر ستادىيون 185 مېتر، 1600 ستادىيون 290 كىلومېتر. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 1:63-6، «ۋەھ.» 19:13. 14:20 يەش. 63‏:3.