15
«يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت
ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).
 
مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ
 
«ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ،
ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر،
ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!
ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان،
نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟
چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛
بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».  
 
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!   يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.   
 
 
15:1 ۋەھ. 11‏:14. 15:2 ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18. 15:3 زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17. 15:4 «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10. 15:4 يەر. 10‏:7. 15:5 «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك. 15:5 ۋەھ. 11‏:19. 15:6 ۋەھ. 1‏:13. 15:8 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12. 15:8 مىس. 40‏:34؛ 1پاد. 8‏:10؛ يەش. 6‏:4.