16
خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنە
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى.
ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.
ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ
 
«مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن،
ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى!
مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن،
سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر».
ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ
 
«شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر»
ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
 
تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى.
10 بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى 11 ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى.
12 ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. 13 ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. 14 بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى 15 («مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»).  
16 ئەمدى ناپاك روھلار پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى.
17 يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى.
18 شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. 19 كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.    20 بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ 21 ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى.  
 
 
16:2 مىس. 9‏:11،10،9؛ ۋەھ. 13‏:17،16،14. 16:3 مىس. 7‏:20. 16:5 ۋەھ. 1‏:4، 8؛ 4‏:8؛ 11‏:17. 16:6 مات. 23‏:34. 16:7 ۋەھ. 15‏:3. 16:8 «بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى» ــ «ئوت بىلەن» ــ دېمەك، ئوتتەك قىزىقلىقى بىلەن. 9-ئايەتنى كۆرۈڭ. 16:9 ۋەھ. 16‏:21،11. 16:12 «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى» ــ «كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلار» ــ ھارماگېددوندا بولغان جەڭگە قاتنىشىشقا كېلىدىغان پادىشاھلار (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 46:10، 51:36، «ۋەھ.» 9:14. 16:13 «ساختا پەيغەمبەر» ــ قوزىنىڭ قىياپىتىدە بولغان دىۋە (11:13-17). 16:14 2تېـس. 2‏:9؛ ۋەھ. 13‏:13؛ 17‏:14؛ 19‏:20،19؛ 20‏:8. 16:15 «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن!» ــ «ئوغرىنىڭ كېلىشى» بەلكىم كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز كېلىشىنى كۆرسەتسە كېرەك. «مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!» ــ مۇشۇ سۆزلەرنى دېگۈچى مەسىھ ئۆزى. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يو.» 14:3، «ھوش.» 5:1، 11. 16:15 مات. 24‏:43؛ لۇقا 12‏:39؛ 1تېس. 5‏:2؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:18،3. 16:16 «ئەمدى ناپاك روھلار پادىشاھلارنى... جەم قىلدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇلارنى... جەم قىلدى». «ھارماگېددون» ــ «مەگىددو تېغى» دېگەن مەنىدە. . ئىبرانىي تىلىدا توپتوغرا «ھار-مەگىددو» دېيىلىدۇ. 16:17 ۋەھ. 21‏:6. 16:18 ۋەھ. 4‏:5؛ 8‏:5. 16:19 «كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى» ــ «كاتتا شەھەر» بابىلدۇر (8:14، 10:18 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). 16:19 يەر. 25‏:15؛ ۋەھ. 14‏:10،8؛ 18‏:5. 16:21 «ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى» ــ «بىر تالانت» 45 كىلو. 16:21 ۋەھ. 11‏:19؛ 16‏:11،9.