17
چوڭ پاھىشە ئايال «بابىل»
يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ:
ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.   ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى.   مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.   پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
«نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.   مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10 بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. 11 بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.
12 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.    13 بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ. 14 دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».
15 پەرىشتە ماڭا يەنە:
ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.    16 سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 17 چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى.
18 سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى.  
 
 
17:3 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتەبىر چۆلگە ئېلىپ باردى» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «روھ» ياكى ئۆز روھىنى ياكى مۇقەددەس روھنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك. 17:3 ۋەھ. 13‏:1؛ 17‏:8. 17:4 ۋەھ. 18‏:16. 17:5 «پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى» ــ «سىر» بولسا ئىنجىلدا ئەسلىدە يوشۇرۇن، خۇدا ئۆز بەندىلرىگە ئاشكارە قىلغان بىر ئاجايىب ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ. 17:5 2تېـس. 2‏:7. 17:6 «ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر» ــ ياكى «ئەيسانىڭ گۇۋاھچىلىرى». بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن تارتىپ «گۇۋاھچى» دېگەن سۆز «خۇدانىڭ يولىدا قۇربان بولغۇچى» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرەتتى. سەۋەبى، نۇرغۇنلىغان ئېتىقادچىلار گۇۋاھلىق بېرىش يولىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى. 17:6 ۋەھ. 18‏:24. 17:8 «سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ... ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ» ــ بۇ سىرلىق ئايەت، شۇنداقلا بۇ بابتا بېشارەت قىلىنغان باشقا ئىشلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 17:8 مىس. 32‏:32؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 13‏:8. 17:9 ۋەھ. 13‏:18،1. 17:11 «بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ» ــ بىز بۇ سىرلىق ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز، ئەلۋەتتە. 17:12 «سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ» ــ «دان.» 39:2-43، 23:7-26نى كۆرۈڭ. 17:12 دان. 7‏:20؛ ۋەھ. 13‏:1. 17:14 1تىم. 6‏:15؛ ۋەھ. 16‏:14؛ 19‏:16. 17:15 «ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر...» ــ مۇشۇ ئىبارە بولسا بەلكىم ئاخىرقى زامانلاردا (1) نۇرغۇن كىشىلەر ئىگە-چاقىسىز سەرسان يۈرىدىغانلىقى؛ ياكى (2) نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز دۆلىتى ئىچىدە بىر-بىرىگە ئۇيۇشۇپ سىياسىي مەقسەتتە گۇرۇھلاشقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 17:15 يەش. 8‏:7. 17:16 ۋەھ. 18‏:8. 17:18 «..يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر..» ــ «كاتتا شەھەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئۇ بابىلنى كۆرسىتىدۇ (1-ئايەت). 17:18 ۋەھ. 16‏:19.